ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايغا قورال ساتقانلارنى مەسئۇلىيەتچان بولۇشقا چاقىردى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى سكوت ماكمىلان جۈمە كۈنى ۋاشنگتوندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى خىتايغا قورال ۋە ھەربىي تېخنىكا سېتىش مەسىلىسىدە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىرىدۇ، دىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى قورال سودىسى توغرىسىدا بايان قىلغان ئەندىشىلىرى ھەققىدىكى بىر سوئالنى جاۋاپلاندۇرغان ماكمىلان، "بىز ئۇزۇندىن بىرى خىتايغا قورال ۋە ھەربىي تېخنىكا سېتىش مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىمىزنى تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان سۆھبەتلىرىمىزدە بۇ مەسىلىنى يەنە ئوتتۇرىغا قويىمىز" دەپ كۆرسەتتى.

ماكمىلان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيىنىڭ 2000 - يىلى خىتايغا ئالدىنئالا سىگنال بېرىش رادار سىستېمىسى سېتىش پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى تەقدىرلەيدۇ، دىدى.

فرانسىيە ۋە گىرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر، 15 يىل بۇرۇن خىتايغا قارىتا يولغا قويۇلغان قورال ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىش ئۈچۈن ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا بېسىم ئىشلەتمەكتە.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى ماكمىلان، بىز نىڭ مەقسىتىمىز ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلەرنىڭ ھەمدە پۇقرالارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت بولۇپ ئىسرائىلىيە ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىمۇ بۇ ئاساسلىق مەسىلىدە بىزگە ئوخشاش چۈشەنچىگە ئىگە دەپ قارايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار نىڭ بۇ مەسىلىدە توغرا قارار ئالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، دىدى. (قانات)