ئامېرىكا خىتاينىڭ 4 چوڭ سانائەت شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلاتتى

تەيۋەندە چىقىدىغان مەركىزى ئاگېنتلىقى 15 ‏- ئىيۇن كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاڭ يۈنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ": كەڭ كۆلەملىك يوقىتىش خاراكتېرلىك يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش خەلقئارا بىلەن رايوننىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پايدىسىز بولۇپلا قالماي، خىتاينىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ئۇيغۇن ئەمەس ، شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتى يوقىتىش خاراكتېرلىك يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش بىلەن بىرگە ھەرقانداق شىركەت ۋە شەخسنىڭ بۇ خىل قوراللارنى كېڭەيتىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىشىنى چەكلەيدۇ " دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 13 ‏- ئىيۇن كۈنى، خىتاينىڭ LIMMT سودا شىركىتى ۋە CHANGCHENG سانائەت شىركىتى قاتارلىق 4 شىركەتنىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلىغىنى توڭلاتتى ۋە بۇ شىركەتلەرنى "ئىراننىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەمكارلاشقان" دەپ ئەيىبلىدى.

خىتاي تەرەپنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ بۇ تۆت چوڭ سانائەت شىركىتى ئۈستىدىن چىقارغان قارارى توغرا ئەمەس ۋە قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن ھەمدە ئىككى تەرەپنىڭ يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتىش مەسىلىسىدە بەرپا قىلغان ھەمكارلىقىغا ۋە خىتاي ‏- ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ زىيان كەلتۈرۈىدىكەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، LIMMIT قاتارلىق خىتاينىڭ بۇ 4 شىركىتى، ئىران ھەربىي قىسىملىرى ۋە يادرو قورال كېڭەيتكۈچىلەرنى ، يادرو قوراللىرىنى ياساشتا قوللىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلىگەن. بۇنىڭدىن سىرت مەزكۈر شىركەتلەر يەنە ئىران ھەربىي قىسىملىرىنى ، ئىقتىساد، تېخنىكا ۋە مۇلازىمەت جەھەتتىمۇ تەمىنلىگەن. (ئەقىدە)