قۇش زۇكامى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقتى


2007-12-15
Share

ئاسىيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە قۇش زۇكامى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىپ، جان ئېلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى ھىندونېزىيىدە يەنە بىر كىشى قۇش زۇكامى بىلەن ئۆلگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن ھىندونېزىيىدە قۇش زۇكامى بىلەن ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 93 كىشىگە يەتكەن.

بۇ ئارىدا شەنبە كۈنى، پاكىستان سەھىيە مىنستىرلىقىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك بىر خادىمى، ئۆتكەن ئىككى ئاي ئىچىدە پاكىستاننىڭ غەربىي شمال رايونىغا جايلاشقان لاشارى شەھىرىدە بىر كىشىنىڭ قۇش زۇكامى بىلەن ئۆلگەنلىكىنى ۋە 6 كىشىدە قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن بايقالغانلىقىنى، بىلدۈردى.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ نەنجىن شەھىرىدە 24 ياشتىكى بىر كىشى قۇش زۇكامى كېسەللىكى بىلەن ئۆلگەن يەنە بىر كىشىنىڭ بولسا قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان. شۇنىڭدەك، بىرما دا 7 ياشتىكى بىر قىزنىڭ قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بېرمادا تۇنجى قېتىم بىر كىشىنىڭ قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2003‏- يىلىدىن يەنى قۇش زۇكامى ۋىرۇسى تۇنجى قېتىم خىتاي قاتارلىق بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققاندىن بۇيان 340 كىشىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 208 نەپىرى ئۆلگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت