پاكىستان ۋە بىرمىلاردا يېڭى قۇش زۇكىمى يۇقۇمدارلىرى بايقالغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىن 17- دېكابىر دۈشەنبە كۈنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى قۇش زۇكىمىنىڭ قايدا ئەدەپ كېتىش خەتىرى بارلىقىنى بىلدۈرۈپ دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەرنى بۇ زۇكامدىن سەگەك بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرى يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە ۋىرۇس تىپىنى ئايرىش ئۈچۈن پاكىستانغا يېتىپ كەلدى. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار دوختۇرخانىلاردا ۋە يۇقۇملىنىش بايقالغان رايونلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ باياناتچىسى پېتىر كوردىڭلېينىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرگەنلىرىگە قارىغاندا، تەشكىلات خادىملىرى پاكىستان ھۆكۈمىتى سەھىيە مىنىستىرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكى بىلەن ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، ئىلگىرى پاكىستان ھۆكۈمەت خادىملىرى يېڭىدىن بايقالغان قۇش زۇكىمىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالنى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ۋاقتىدا دوكلات قىلمىغان ئىكەن.
خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، پاكىستاننىڭ پايتەختى ئىسلامئابادقا يېقىن جايلاشقان ئاببوتئاباد شەھىرىدە 4 ئاكا-ئۇكا ۋە ئۇلارنىڭ بىر نەۋرە تۇغقىنى ۋە بۇ رايوندىكى قۇشخانىدا ئۈچ قاسساپنىڭ H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان بولۇپ، بۇ تۆت ئاكا-ئۇكىنىڭ ئىككىسى مەزكۇر ۋىرۇستا قازا قىلغان.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باياناتچىسى گرېگوري خارتلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرچە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش ئەھۋالى بايقالمىغان. ئەمما ئۇ: "گەرچە ھازىرغىچە بۇ ۋىرۇسنىڭ ئادەمدىن ئادەمگە يۇقۇش ئەھۋالى مۇقىملاشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بىز ھازىر يۇقىرى دەرىجىدە سەگەك تۇرۇۋاتىمىز" دېگەن.
ئالدىنقى جۈمە كۈنى، بىرمىدا 7 ياشلىق بىر قىزنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ ھايات قالغانلىقى خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى گېرمانىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردىمۇ مۇشۇ خىل ۋىرۇستىن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى بايقالغان.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتايدا ئىككى ئادەمدە بۇ خىل ۋىرۇس بايقالغان بۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى ئۆلگەن. 2003 - يىلىدا پۈتۈن دۇنيا بويىچە 208 ئادەم H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن ئىدى.