دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى ئاسىيادا تېز تارقىلىۋاتقان قۇش زۇكىمىنىڭ، ئاسىيادىكى ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىكى خەلقلەرنىڭ سالامەتلىكىگە تەھدىت بولىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي تىنچ-ئوكيان رايونى ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى شىگېرۇ ئومى بۇ سۆزلەرنى ۋېيتنامدا ئېچىلغان بىر يىغىندا قىلغان بولۇپ، ئۇ يەنە، قۇش زۇكىمىنىڭ ھازىر ناھايىتى تېز تارقىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەپتىن بۇ كېسەلنىڭ تېخىمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتتى.
يىغىنغا قاتناشقان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مۇتەخەسىسلىرىدىن سىرت يەنە، دۇنيا ئاشلىق ۋە دېھقانچىلىق تەشكىلاتى، دۇنيا ھايۋانلار ساغلاملىقى تەشكىلاتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىللىرى بىرلىكتە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا كۆپ كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قۇش زۇكىمىغا ئوخشاش تارقىلىشچان زۇكام كېسىلى ئىنسانلاردا ھەر 30 - 20 يىلدا بىر ئەۋج ئېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئارىسىدا قۇش زۇكىمىنىڭ ئىنسانلاردا تارقىلىشى بىر قەدەر تېز بولىدىكەن. (پەرىدە)