دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، قۇش زۇكىمىنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا
2005.06.28
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرى، خىتايدا ئوتتۇرىغا چىققان قۇش زۇكىمىنىڭ مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان خىتايدىكى ياۋا قۇشلار ئارقىلىق كەلگۈسى بىر نەچچە ئاي ئىچىدە خىتايغا قوشنا رايونلارغا يىيىلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، رايوندىكى ياۋا قۇشلار كۆچۈشكە باشلايدىغان بولۇپ، بۇ قۇشلار خىتايدا يۇقتۇرۇۋالغان قۇش زۇكىمىنى ئۆزلىرى بىلەن بىرگە باشقا رايونلارغا ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ياۋا قۇشلارنىڭ باشقا رايونلارغا كۆچۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن.
قۇش زۇكىمى كېسەللىكى، ماي ئېيىدا خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ھازىرغىچە مەزكۇر كېسەللىكتىن چىڭخەيدە 5000 دىن ئارتۇق يەنى ھۆكۈمەتنىڭ ئېلان قىلغىنىدىن بەش ھەسسە كۆپ قۇش ئۆلگەن. قۇش زۇكىمى كېسەللىكى پەقەت چىڭخەي ئۆلكىسىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ بايقالغان.
قۇش زۇكىمىنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشى، مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇتەخەسسىسلەرنى ئەندىشىلەندۈرمەكتە. ئۇلار بولۇپمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ ھايۋانلاردىن ئادەملەرگە ئاسان يۇقۇدىغان بىر ۋىرۇس شەكلىگە ئايلىنىپ پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىروسىغا قارشى دورىلارنى ئۆي قۇشلىرىغا ئىشلەتمەسلىككە ئاگاھلاندۇردى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- چىڭخەيدە قۇش زۇكام ۋىروسىدا ئۆلگەن قۇشلارنىڭ سانى ئەسلىدىكىدىن كۆپ بولۇپ چىقتى
- چىڭخەيدە قۇش زۇكىمى بايقالدى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئاسىيادا قۇش زۇكىمىنىڭ يامراپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى