رۇسىيىدە تۇنجى قېتىم قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك، سانجى ۋە چىڭخەيدىكى تەبىئىي قوغداش رايونلىرىدا بۇ يىل 4 ۋە 5 - ئايلاردا ئارقا - ئارقىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغاندىن كېيىن، پەيشەنبە كۈنى رۇسىيە جىددى ھالەت مىنىستىرلىقى رۇسىيىنىڭ نوۋېي- سىبىرىسكى ئوبلاستىدىكى سۇزدالكا يېزىسىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدە تۇنجى قېتىم بايقىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى ياپونىيە دائىرىلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توڭلىتىلغان غاز گۆشىدە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

رۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۇزدالكا يېزىسىدا يېقىنقى بىر قانچە كۈن ئىچىدە 300 دىن ئارتۇق توخۇ ۋە ئۆردەك قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ئۆلگەن. نۆۋەتتە دائىرىلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش تەدبىرلىرىنى ئالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ھاۋانىڭ ئىسسىشىغا ئەگىشىپ، ئۇچار قۇشلارنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادىن رۇسىيىگە كۆچۈش خەۋپى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ يىل 4 - ئايدا چىڭخەي تەبىئىي قوغداش رايونىدىكى ئۇچار قۇشلاردا بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تارقىلىش ئېھتىمالى بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك ۋە سانجى شەھەرلىرىدە بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشكە رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ۋادىيەنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر ئورگاننىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا ھازىرغىچە رۇخسەت قىلمىغان. (ئەركىن)