رۇسىيە ۋە قازاقىستان قۇش زۇكىمىدىن مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى ئالدى
2005.08.01
دۈشەنبە كۈنى رۇسىيىنىڭ خىتايغا قوشنا رايونلىرى ۋە قازاقسىتان، قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ خىتايدىن غەربكە قاراپ تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خىتايغا قوشنا رايونلاردىكى ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى پىلانلىماقتا.
رۇسىيىنىڭ نوۋسىبىرسك ئۆلكىسى خادىملىرى، سەيشەنبە كۈنى رايوندىكى قۇش زۇكىمى بايقالغان 13 يېزىدىكى ئۆي قۇشلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئىتارتاس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نوۋسىبىرسك ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئاللىقاچان قۇش ئىگىلىرىگە تۆلەم تۆلەش ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.
رۇسىيە سەھىيە مىنسىتىرلىقى خادىملىرى، رايوندا بايقالغان قۇش زۇكىمى كېسەلىكىنىڭ نوۋسىبىرسك رايونىدىكى كۆللەردە توختاپ ئۆتىدىغان كۈچمەن قۇشلار تەرىپىدىن رايونغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، كېسەللىك بايقالغان رايوندا كۈندە 6000 كىشى دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈۋاتقان بولۇپ،قۇشلار، قۇش گۆشى يېمەكلىكلىرى ۋە قۇش يەملىرىنىڭ كېسەللىك بايقالغان رايوندىن باشقا رايونلارغا يۆتكىلىشى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن .
بۇ ئارىدا قازاقسىتان سەھىيە مىنسىتىرلىقى خادىملىرى، قازاقىستاننىڭ پاۋلۇدا ئۆلكىسىدە 20 - ئىيۇل كۈنى 600 ئۆي قۇشى قۇش زۇكىمى كېسەلىكىدىن ئۆلگەندىن كېيىن، رايوندا 2350 غاز ۋە 250 ئۆردەكنىڭ سەھىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە تۇنجى قېتىم قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالدى
- مۇتەخەسسىسلەر: چىڭخەيدىكى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى زور
- قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇدىغان پروگرامما ھازىرلاندى
- ب د ت خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، قۇش زۇكىمىنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا