ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن قۇش ۋە قۇش پەيلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى
2005.08.08
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتى دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىگە تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، 12 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن جانلىق قۇش ۋە قۇش پېيى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەشكە چاقىردى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىجرائىيە كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، رۇسىيە ۋە قازاقسىتاننىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا قۇش، قۇش گۆشى ئېكىسپورت قىلىشى چەكلەنگەن خىتاي، پاكىستان ۋە ۋېيتنام قاتارلىق 9 دۆلەت تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
رۇسىيە ھۆكۈمەت خادىملىرى 29 - ئىيۇل كۈنى سىبىرىيىدىكى نوۋسىبىرسك ئۆلكىسىدە قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ بايقالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. 2003 - يىلى شەرقى جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان مەزكۇر كېسەللىكتىن ھازىرغىچە ئاز دېگەندە 60 كىشى ئۆلگەن.
تىببىي مۇتەخەسسىسلەر، قۇشى زۇكىمى كېسەللىكى خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىدا بايقالغاندىن كېيىن، بۇ كېسەللىكنىڭ رۇسىيە ۋە قازاقىسىتانغىمۇ تارقىلىشى مۇمكىنلىقىنى ئالدىن بىلدۈرگەن ئىدى. (قانات)