رۇسىيە سەھىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرى سەيشەنبە كۈنى، رۇسىيىنىڭ سىبىرىيە رايونىدا ئوتتۇرىغا چىققان قۇش زۇكىمى كېسەلىكىنىڭ باشقا رايونلارغا تارقىلىشى مۇمكىنلىقىنى بىلدۈردى. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە، كېسەللىكنىڭ تارقىلىشىنىڭ ئالدى ئېلىنغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق بىشارەت مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.
2003- يىلى ئاسىيا قىتئەسىنىڭ بەزى رايونلىرىدا ئوتتۇرىغا چىققان قۇش زۇكىمى كېسەللىكىدىن ھازىرغىچە 50 دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن. مەزكۇر كېسەللىك ئىيۇل ئېيىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئاۋۋال رۇسىيە، ئاندىن قازاقسىتاندىمۇ بايقالغان ئىدى.
رۇسىيە جىددىي ھالەت مىنىسىتىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىيۇل ھازىرغا قەدەر رۇسىيىدە مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن 5583 ياۋايى ۋە ئۆي قۇشى ئۆلگەن.
بۇ ئارىدا ئۆزبېكىستان زىرائەت مىنستىرلىقى، قازاقىستان ۋە رۇسىيىدىن ھەر تۈرلۈك قۇش، توخۇ ۋە تۇخۇم ئىمپورتىنى چەكلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. (قانات)