رۇسىيىدە قۇش زۇكىمى تارقالماقتا
2005.08.15
خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسى، خىتايدىكى كۆمۈر كانلاردا ئۆتكەن ئالتە ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىلا 700 ئەتراپىدا ئىشچى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
دۈشەنبە كۈنى، خىتاي دۆلەتلىك بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، ئىيۇلدىن بۇيان خىتايدىكى كۆمۈر كانلاردا 218 قېتىم ھادىسە يۈز بەرگەنلىكى، بۇ ھادىسىلەردە 693 ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكى ۋەيا ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن.
روئېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆتكەن ھەپتە گۋاڭدوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈر كاندا سۇ ئاستىدا قامىلىپ قالغان 122 كان ئىشچىسى ھېلىمۇ سۇ ئاستىدا تۇرماقتا. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، قۇتقۇزۇش خادىملىرى تېخى كانغا كىرىۋاتقان سۇنىڭ مەنبەسىنى ئېنىقلىيالمىغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈر كانلاردىكى ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىخەتەرلىكنى ياخشىلاش ئۈچۈن 3 مىليارد يۇئەن پۇل ئاجراتقانلىقىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆمۈر كانلاردىكى ئۆلۈم ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغان. دېگەندەك، 2005 - يىلىنىڭ بىرىنچى ئالتە ئېيىدا خىتايدىكى كۆمۈر كانلاردا مەيدانغا كەلگەن ھادىسىلەردە 2700 كىشى ئۆلگەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن تىبەتتە 2 مىڭدىن ئوشۇق توخۇنى ئۆلتۈردى
- قۇش زۇكىمى تىبەتتىمۇ بايقالدى
- قۇشى زۇكىمى كېسەللىكى سىبىرىيىدىن رۇسىينىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن
- ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن قۇش ۋە قۇش پەيلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى
- قۇش زۇكام ۋىرۇسى بۇ قېتىم قازاقىستاندا بايقالدى