ئامېرىكا باشچىلىقىدا يەر شارى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورگىنى قۇرۇلدى


2005.09.16

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش، ب د ت باشلىقلار يىغىنىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى يەر شارى خاراكتېرلىك ئورگان قۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىدىغانلىقىنى جاكالىغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى پەيشەنبە ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى چاقىرىپ، ھازىرغىچە 16 دۆلەتنىڭ مەزكۇر ئورگانغا قاتناشقانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ دۆلەتلەر ئارگىنتىنا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ياپونىيە، رۇسىيە مالايشىيا، سىنگاپور، ئەنگىلىيە، ھىندىستان ۋە ۋېيتنام، تايلاندلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. خىتاي قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر ئورگانغا ھازىرغىچە قاتناشمىغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ ئورگانغا قاتناشمىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىدى. ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئۇچراشقاندا قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىر ئېلىش مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتايدا تىپلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى، بۇ يىل 4 - ۋە 5 - ئايلاردا چىڭخەي ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چۆچەك، سانجى قاتارلىق جايلاردا بايقالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ چۆچەك ۋە سانجىلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.