قۇش زۇكام ۋىرۇسى 150 مىليون ئىنساننىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن
2005.09.30
ب د ت سەھىيە دائىرىلىرى قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش خەۋپى ھەر ۋاقىت مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، 5 مىليوندىن 150 مىليونغىچە ئىنساننىڭ بۇ ۋىرۇستىن ئۆلۈش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى دەيۋىد ناباررو، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ ئۆزگەرگەن تۈرى ئاسىيادا قايتىدىن تارقىلىشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.
ناباررونىڭ تەكىتلىشىچە، ئەگەر بۇ ۋىرۇس تارقىلىپ كەتسە، كىشىلەرنىڭ ھاياتى پەۋقۇلئاددە ۋە ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدىكەن. قۇش زۇكام ۋىرۇسى 2003 - يىلدىن بېرى ئاسىيادىكى توخۇ ۋە ياۋايى قۇشلاردا بايقىلىشقا باشلىغان.
مەزكۇر ۋىرۇس بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا خىتاينىڭ چىڭخەي رايونىدا بايقالغاندىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چۆچەك ۋە سانجى قاتارلىق جايلاردا بايقالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرىنىڭ بۇ جايلاردا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلمىغان.
ناباررونىڭ تەكىتلىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشى ياكى ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىش سۈرئىتىدىن 10 ھەسسە تېز ئىكەن. ئۇ، ئەگەر بۇ ۋىرۇس كونترول قىلىنمىسا، دۇنيا بويىچە 5 مىليوندىن 150 مىليونغىچە ئىنساننىڭ ئۆلۈدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. (ئەركىن)