تۈركىيىدە قۇش زۇكىمى بايقالدى
2005.10.09
تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى يەكشەنبە كۈنى تۈركىيىدە تۇنجى قېتىم قۇش زۇكىمىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.
تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇلار بۇ قۇش زۇكىمى كېسىلىنى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى تۈركىيىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا تۇنجى بايقىغان بولۇپ، بۇ كېسەلنىڭ رۇسىيە تەرەپتىن كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنماقتا.
تۈركىيە يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقى، نۆۋەتتە بۇ ۋەزىيەتنىڭ كونترول قىلىنغانلىقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ۋېرۇس تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش چارىلىرىنى قوللانغانلىقىنى بىلدۈردى. گەرچە ھۆكۈمەت تەرەپ قانچىلىك ئۆي قۇشلىرىدا بۇ كېسەلنىڭ بايقالغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق سانلىق مەلۇمات بەرمىسىمۇ، ئەمما تۈركىيىدىكى بىر تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى 2000 غا يېقىن قۇشنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى مەلۇم قىلدى.
شۇنداقلا ھازىر بۇ قۇش زۇكىمىنىڭ ئادەملەرگە تارقىلىشچان خەۋپىنىڭ بار-يوقلىقى تېخى ئېنىقلانمىغان. ئۆتكەن يىلدىن باشلاپ تارقىلىۋاتقان قۇش زۇكىمى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىغا بىر قەدەر ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، بۇ ھەتتا ئادەملەرگىمۇ يۇقۇپ، ئەجەللىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيىدە قۇش زۇكىمى تارقالماقتا
- خىتاي قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن تىبەتتە 2 مىڭدىن ئوشۇق توخۇنى ئۆلتۈردى
- قۇش زۇكىمى تىبەتتىمۇ بايقالدى
- قۇشى زۇكىمى كېسەللىكى سىبىرىيىدىن رۇسىينىڭ باشقا رايونلىرىغىمۇ تارقىلىشى مۇمكىن ئىكەن
- ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن قۇش ۋە قۇش پەيلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىدى