پرېزىدېنت بۇش دۆلەت مەجلىسىنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى مەبلەغ ئاجرىتىشىنى تەلەپ ‎قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش سەيشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدىن قۇش زۇكام ۋىرۇسى تىپىدىكى ‎يۇقۇملۇق كېسەللەرگە قارشى مۇداپىئە تەدبىرى ئېلىش ئۈچۈن 7 مىليارد 100 مىليون دوللار ‎تەستىقلاشنى تەلەپ قىلدى. ‎

بۇش سەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئىنىستۇتىدا سۆزلىگەن ‎نۇتۇقىدا، " دۆلىتىمىز ياكى دۇنيادا قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ پارتلاش ئەھۋالى تېخى ‎كۆرۈلمىدى،" دەپ ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، "ئەمما بىز بۇنىڭ پارتىلشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق ‎كېچىكىمىز،" دەپ كۆرسەتتى. ‎

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ كەڭ كۆلەمدە تارقىلىشنى ‎كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىشارەتلەر كۆرۈلمەكتە. ئۇ، بۇ ئەھۋال مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ‎جېنىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ‎

كانادا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە كيۇبېك قاتارلىق ئۆلكىلەردىكى بەزى قۇشلاردا زۇكام ‎ۋىرۇسىنىڭ بايقالغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما دائىرىلەر بۇ ۋىرۇسىنىڭ خىتاي قاتارلىق ‎دۆلەتلەردە بايقالغان قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن قانداق مۇناسۋىتى بارلىقىنى تېخى ‎ئېنىقلامىدى. ‎

زۇكام زۇكام ۋىرۇسى بۇ يىل 4 - ئايدا خىتاينىڭ چىڭخەي كۆلىدىكى ياۋا قۇشلاردا ‎بايقالغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چۆچەك ۋە سانجى ‎قاتارلىق جايلىرىدىكى ئۆي قۇشلىرىدا تېپىلغان. خىتاي دائىرىلىرى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ‎چىڭخەيدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ چۆچەك ‎بىلەن سانجىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش تەلىپى رەت قىلىندى. ‎

دۈشەنبە كۈنى "شاڭخەي مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى" ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى قۇش ‎زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە تەمىنلىگەن ئۇچۇرى كونكرېت ئەمەس، دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)‎