دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى قۇش زۇكام ۋىرۇسى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
2005.12.09
خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پوسكام قاتارلىق قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان جايلىرىدا ئايرىم كۆزىتىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتايدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەلىرى تېخىمۇ كۆپ يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار، دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق چارۋىچىلىق نازارىتى ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى پوسكامدا ئايرىپ كۆزىتىش تەدبىرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، باشقا جايلاردىمۇ پات يېقىندا ئارقا - ئارقىدىن بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.. خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئادەملەرنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ كەلمەكتە.
خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى لياۋنىڭدا بىر ئايالنىڭ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى خەنك بېكدامنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، قىش پەسلىدە ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپ تارقىلىش مۇمكىنچىلىكى مەۋجۇت. ئۇ،" بىز بۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە يەنە يۈز بېرىشىنى كۈتۈۋاتىمىز" دەيدۇ.
بۇنىڭ ئالدىدا ئۆتكەن سەيشەنبە كۈنى گۇئاڭشى جۇئاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدا 10 ياشلاردىكى بىر ئۆسمۈر قىز بۇ ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇۋالغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئاخىرقى قېتىم كۈنەس ناھىيىسىنىڭ بەشتۆپە يېزىسىدا بايقالغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئادەملەرنىڭ قۇش زۇكام ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىش ۋەقەسىدىن يەنە بىرى بايقالدى
- دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتاينى ئەيدىز كېسىلى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى
- خىتايدا يەنە بىر كىشى قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلدى
- خىتايدىكى ئىككى جايدا يەنە يېڭىدىن قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى
- خىتايدا 3 كىشىنىڭ قۇش زۇكىمىغا گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلاندى