رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تۈركىيىنىڭ شەرقى رايونىدا يەنە بىر كىچىك بالا قۇش زۇكىمىدىن ئۆلدى. 6 - يانۋار كۈنى قازا قىلغان 11 ياشتىكى ھۆليا كويىگىت ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى مەزكۇر كېسەللىك بىلەن ئۆلگەن 14 ياشتىكى مەمەت ئەلى ۋە 5 - يانۋار كۈنى ئۆلگەن 15 ياشتىكى فاتىمەنىڭ سىڭلىسى ئىكەن. دېمەك بىر نەچچە كۈن ئىچىدە بىر ئائىلىدىن ئۈچ بالا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن قازا قىلغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كۆپىنچىسى كىچىك بالا ۋە ياش ئۆسمۈرلەردىن تەشكىل تاپقان 20 دىن كۆپرەك كىشى قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دېگەن گۇمان بىلەن دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان. دوختۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغانلار، قۇش زۇكىمى كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن توخۇلارنى ئوينىغان ئىكەن.
قۇش زۇكىمى كېسەللىكى ئوتتۇرىغا چىققاندىن بېرى، شەرقىي ئاسىيا رايونىدا 74 كىشى مەزكۇر كېسەللىك سەۋەبىدىن قازا قىلدى. شەرقىي ئاسىيا رايونىدىن غەربگە قاراپ تارقىلىشقا باشلىغان بۇ كېسەللىك تۈركىيىدە ھازىرغىچە ئۈچ جان ئالدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئەگەر جىددىي تەدبىر ئېلىنمىسا، قۇش زۇكىمى كېسەللىكىنىڭ كىشىلەردىن- كىشىلەرگە يۇقىدىغان بىر كېسەللىككە ئايلىنىپ مىليونلىغان ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى ھەمدە چوڭ ئىقتسادىي زىيان كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. (قانات)
