قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى ئاساسلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ تارالماقتا
2006.01.12
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى، ھەر قايسى دۆلەتلەردىن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى يەنە بىر قېتىم تەلەپ قىلدى.
رويېترىس ئاگېنتلىقىنىڭ 12 - يانۋار كۈنى بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، گەرچە كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما قۇش زۇكىمىنىڭ چوڭ كۆلەمدە پارتلاش خەۋپى يەنىلا مەۋجۇت ئىكەن.
ھازىرغا قەدەر خىتاي، قازاقىستان ۋە ۋېيتنام قاتارلىق ئاسىيا دۆلەتلىرىدە قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىر قانچىلىغان بىمارلار قازا قىلغان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى ھىندونېزىيىدە 12 ئادەم مەزكۇر ۋىرۇس بىلەن ئۆلگەن. بۇنىڭدىن سىرت تۈركىيىدىمۇ مەزكۈر ۋىرۇس بىلەن بىر ئائىلىدىن 3 بالا بىراقلا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئاسىيا دۆلەتلىرىدە پەيدا بولغان جانغا زامىن بۇ خىل ۋىرۇستىن ئەندىشە قىلىۋاتقان بىر پەيتتە، تۈركىيىدىمۇ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ياۋرۇپادا قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ پەيدا بولۇش ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە. (ئەقىدە)