خەلقئارا قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئىئانە توپلاش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى


2006.01.17

قۇش زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش بويىچە خەلقئارا ئىئانە توپلاش يىغىنى سەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، قۇش زۇكام ۋىرۇسىنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئىنسانلار ئارىسىدا تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كەلگۈسى 3 يىلدا بىر مىليارد 500 مىليون دوللارغا ئېھتىياج چۈشىدۇ.

قۇش زۇكام ۋىرۇسىدا ھازىرغا قەدەر دۇنيا بويىچە 2003 - يىلدىن بېرى 79 ئادەم ئۆلدى. بۇ قېتىم يىغىن زۇكام ۋىرۇسىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى ئېلىشقا ئىئانە توپلاشنى مەقسەت قىلغان. تەرەپلەر ئىئانىنىڭ كۆزلەنگەن ساندىن ئېشىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ياۋروپا ئىتتىپاقى 121 مىليون دوللار ئىئانە بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئەمەلدارى مارگارېت چەننىڭ تەكىتلىشىچە، ئىئانە پۇللار قۇش زۇكام ۋىرۇسىنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىغان نامرات دۆلەتلەردىكى ئۆلۈم ‏- يىتىمنى ئازايتىش، ۋىرۇسنىڭ كېڭىيىشىنى تىزگىنلەشكە ئىشلىتىلىدىكەن.

دۇنيا بانكىسى، ئىئانە پۇلنىڭ 45 % ۋېيتنام، ھىندونېزىيە، كامبودژا، تايلاند ۋە لائۇس قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، 2005 - يىلى خىتاي بويىچە 32 يەردە قۇش زۇكام ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، 22 يېرىم مىليون ئۇچار قۇش مەزكۇر ۋىرۇس سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆتكەن يىلى خىتاي بويىچە قۇش زۇكام ۋىرۇسى ئەڭ كۆپ بايقالغان رايون بولۇپ قالدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.