ھەر قايسى دۆلەتلەر قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا 2 مىليارد دوللار ئىئانە ئاجراتتى

بېيجىڭدا خەلقئارالىق ئىئانە توپلاش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ھەر قايسى دۆلەت مىنىستىرلىرى چارشەنبە كۈنى قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشلىرى ئۈچۈن تەخمىنەن 2 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە بېرىشكە كېلىشتى.

مىنىستىرلار دەرىجىلىك بۇ يىغىندا يىغىلغان پۇللار دۇنيا بانكىسى كۈتكەندىن خېلى كۆپ بولغان. ئامېرىكا 300 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىشقا ۋەدە بەرگەن. قۇش زۇكىمىنىڭ زىيانكەشلىكىكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان خىتاي بولسا 10 مىليون دوللار چىقارماقچى بولغان.

بۇ پۇللار ئاساسلىقى قۇش زۇكام ۋىرۇسى تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىدىكەن.

بۇ قېتىملىق ئىئانە توپلاش يىغىنىنى خىتاي ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە دۇنيا بانكىسى بىرلىشىپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇنىڭغا پۈتۈن دۇنيادىكى 100 نەچچە دۆلەت ۋە 20 نەچچە خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن 700 دىن ئوشۇق ۋەكىل قاتناشقان.

2003‏- يىلىدىن بۇيان ئاسىيادا تارالغان قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 80 نەچچە كىشى قازا قىلدى. (پەرىدە)