ھىندونېزىيىدە يەنە بىر ئادەم قۇش زۇكىمى بىلەن قازا قىلدى


2006.01.26

26 ‏- يانۋار كۈنى، ھىندونېزىيىدە 2 ياشلىق بىر بالا داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن، بىر قانچە كۈن دوختۇرخانىدا داۋالانغان بۇ بالىنىڭ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى ئېنىقلانغان بولۇپ، بۇ ھىندونېزىيىدە قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن 14 ‏- بىمار ھېسابلىنىدۇ.

23 ‏- يانۋار كۈنىمۇ، خىتايدا 29 ياشلىق بىر ئايالنىڭ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ يىل ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئاساس قىلغان خىتاي، قازاقىستان، ۋېيتنام، ھىندونېزىيە ۋە كېيىن تۈركىيىدە ئارقا-ئارقىدىن قۇش زۇكىمى پەيدا بولدى ھەمدە بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئادەم سانى 30 دىن ئاشقان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئاسىيادا تارالغان بۇ ئەجەللىك قۇش زۇكام ۋىرۇسىدىن ئەندىشە قىلماقتا ھەمدە مەزكۇر يۇقۇملۇق كېسەل تارالغان دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىدىن جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

2003 ‏- يىلىدىن باشلاپ، ھازىرغا قەدەر قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى سەۋەبىدىن، جەمئى 80 نەچچە كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.