ئافغانىستاندا قۇش زۇكىمى ئوتتۇرىغا چىقتى


2007.02.24

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خادىملىرى، ئافغانىستاننىڭ نڭگاھار ۋە كۇنەر ئۆلكىلىرىدە ئوتتۇرىغا چىققان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ h5n1 تىپتىكى خەتەرلىك ۋىرۇس ئىكەنلىكىنىڭ ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئافغانىستان ھۆكۈمىتى قۇش زۇكىمىنىڭ ئافغانىستاندا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېخى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى ئافغانىستانغا چەتئەلدىن توخۇ ئىمپورت قىلىشىنى چەكلىگەن ئىدى.

ئافغانىستان توخۇنى ئاساسەن پاكىستاندىن ئىمپورت قىلىدۇ. ئافغانىستان ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە ئالغان قارارى بىلەن، ھېندونۇزىيە، ئەنگىلىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىنمۇ توخۇ ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى.

قۇش زۇكىمى ۋېروسى ئۆتكەن يىلىمۇ ئافغانىستاننىڭ ئازدېگەندە تۆرت ئۆلكىسىدە بايقالغان ھەمدە مىڭلىغان توخۇ ۋە ئۇچار قۇشلارنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ئىدى. لېكىن ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمىغان.

سەھىيە مۇتەخەسسىسلرى، قۇش زۇكىمى ۋېروسىنىڭ ئاسانلا كىشىلەرگە يۇقىدىغان بىر ۋېروسقا ئۆزگۈرۈپ، پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان بىر كىسەللىكە ئايلىنىپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلماقتا. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.