قۇش زۇكىمى ۋاكسىنىسى بايقالدى


2007.02.28

سەيشەنبە كۈنى، H5N1 تىپلىق قۇش زۇكىمىغا قارشى ۋاكسىنا، ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە مەيدانغا كەلدى.

باھالىغۇچىلارنىڭ بىرى بولغان دۆلەتلىك ۋاكسىنا ئەملەش پروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى مېلىندا ۋارتون يۇقۇملۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىن ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزىدە، "بۇ ۋاكسىنىنىڭ ئىقتىدارى گەرچە بەك يۇقىرى بولمىسىمۇ ، ھازىرچە بىزدە بار ۋاكسىنا مانا مۇشۇ" دەيدۇ.

مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىئىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە، Aventis Sanofi دورا شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ۋاكسىنا ئۈنۈمدارلىقى جەھەتتە مەلۇم چەككە ئىگە بولسىمۇ، ئەمما قۇش زۇكىمىغا قارشى تۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

بۇ يىل، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 20 مىليون كىشىلىك ۋاكسىنا سېتىۋالىدىكەن. بۇ ۋاكسىنلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ، سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش خادىملىرىغا ئالدىن ئەملەيدىكەن.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ھ5ن1 تىپلىق قۇش زۇكىمى 1997 ئىنسانلاردىن تۇنجى بايقالغان بولۇپ، 2003 يىلدىن بېرى 167 نەچچە ئادەمنىڭ جىنغا زامىن بولغان. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.