دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تور بېتىدە 7 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ھىندونېزىيىدە 6 ياشلىق بىر ئوغۇل بالا قۇش زۇكامى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىندى.
رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەڭ بۇرۇن ئەنگلىيىنىڭ شوتلاندىيىدە 1959 - يىلى H7N7 بەلگىلىك قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بايقالغان ئىدى. بۇ خىل ۋىرۇس 2006 - يىلى يەنە شوتلاندىيىدە تەكرار بايقالدى. ئەمما قۇش زۇكامى ۋىرۇسىنىڭ باشقا بىرخىل تىپى بولغان H5N1 بەلگىلىك ئادەمدىن - ئادەمگە يۇقۇدىغان ۋىرۇسى 1997 - يىلى خوڭكوڭدا بايقالغاندىن كېيىن، بۇ خىل ۋىرۇس 2003 - يىلىغا كەلگەندە ئەزەربەيجان، كامبودژا، خىتاي، مىسىر، ھىندونېزىيە، ئىراق، لائۇس، نېگىرىيە، تايلاند، تۈركىيە، ۋيېتنام قاتارلىق 39 دۆلەتكە تارقالدى. بۇلتۇر يەنە 30 دۆلەتكە كېڭەيدى.
ھازىرغا قەدەر، يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى دوختۇرخانىلاردا ئېنىقلانغان 318 ئادەمنىڭ 192ى داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلۈپ كەتتى. قۇش زۇكامىدىن مۇداپىئە كۆرۈش جەريانىدا 30 مىليون قۇش ئۆلتۈرۈلدى. ھازىر ھەتتا ئاققۇلارمۇ بۇ خىل ۋىرۇسنى تارقىتىدىغان قۇشلار تەۋەسىگە كىرىپ قالدى.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىدە، ئادەتتىكى زۇكامغا ئوخشاش ئىسىتمىسى ئۆرلەش، يۆتىلىش، دىماق -گال ئېچىشىش، پۈتۈن موسكۇللار ئاغرىش، كۆزى قىزىرىش ئالامەتلىرى پەيدا بولىدىكەن. يۇقۇملۇق قۇش زۇكامى ۋىرۇسىدىن، بولۇپمۇ ئادەمدىن -ئادەمگە يۇقۇدىغان قۇش زۇكامى ۋىرۇسىدىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ، ھازىر پۈتۈن دۇنيا بىردەك جىددىي تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كەلمەكتە. (ۋەلى)