ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چاپقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلاردا قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى جىددىي ئېلىپ بارماقتا

ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى، دىڭىز چاپقۇنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان رايونلارغا قاراتقان ياردەمنى كۈچەيتىپ، ئۇ يەرگە تېخىمۇ كۆپ دېڭىز ئارمىيە پاراخوت - ئايروپىلانلىرىنى ئەۋەتتى. بۇلار، دوختۇرخانا ئەسۋابلىرى قاچىلانغان داۋالاش پاراخوتلىرى ۋە سۇ ئۈستىگە قونالايدىغان ئايرۇپىلانلار بولۇپ، ئۇلار چاپقۇن تەسىرىدىن سۇ بېسىپ كەتكەن رايونلاردا قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارىدىكەن.

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، دىڭىز چاپقۇنى سەۋەبىدىن لۇئىزىئانا شىتاتىنىڭ يېڭى ئورلىئان شەھىرىدىكى ئىككى سۇ توسمىسى يېرىلىپ كېتىپ، شەھەرنىڭ 80٪ جايىنى سۇ بېسىپ كەتكەن. نۆۋەتتە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئىنʹئېنېرلىرى سۇ توسمىسىنىڭ بۇزۇلغان قىسىملىرىنى ياساشقا تىرىشماقتا. شۇنداقلا ھازىر ئاپەت رايونلىرىدا يەنە 10 مىڭغا يېقىن مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنى ئېلىپ بارماقتا.

ئاپەت سەۋەبىدىن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش دەم ئېلىشىنى بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى ئاق سارايغا قايتىپ كەلدى ھەمدە مەخسۇس يىغىن ئۇيۇشتۇرۇپ، فېدېرال ئورگانلار بىلەن ئاپەت رايونلىرىغا قانداق ياردەم قىلىش تەدبىرلىرى ئۈستىدە سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

كاتىرىنا دەپ ئاتالغان بۇ دېڭىز چاپقۇنى ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى لۇئىزىئانا، مىسسىسىپى، ئالاباما ۋە فلورىدا شىتاتلىرىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، ھازىرغىچە 100 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولدى. شۇنداقلا ھازىر ساقچى دائىرىلىرى ئۆلگەن ئادەملەر سانىنىڭ يەنە تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (پەرىدە)