سېدنىي ئاۋانگارتى گېزىتى نىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى خەۋىرى


2008.02.20

2005 ‏- يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم ھازىر ئاۋسترالىيىدە، ‏-‏ دەپ بايان قىلىنىدۇ 'سېدنىي ئاۋانگارتى گېزىتى' نىڭ بۈگۈنكى سانىدا.

بۇ گېزىت رابىيە خانىمنى تونۇشتۇرغاندا 'خىتايدا شىركەتچىلىكتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىپ 11 ‏- چوڭ باي دەپ ئاتالغان، 11 بالىنىڭ ئانىسى، ئۇ 2005 ‏- يىلى ئامېرىكىغا كېلىپ مۇھاجىرەتتە بولۇشتىن بۇرۇن خىتاي تۈرمىسىدە ئالتە يىل ياتقان، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن زىيانغا ئۇچرىتىلغان، ئىككى بالىسى تېخىچە تۈرمىدە' دەپ بايان قىلدى.

بۇ گېزىتتە ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرغاندا، 'خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسى 1949 ‏- يىلى، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۇركىستانىنى ئىگىلىۋالغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي كۆچمەنلىرىنى كۆپەيتىش ۋە يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنى چەكلەش سىياسىتىنى قوللىنىپ كەلدى. 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش پۇرسىتىنى غەنىمەت بىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇپ كەلمەكتە. ئۇيغۇرلار بولسا ئۆز‏- ئۆزىگە خوجا بولۇش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى يەنە، يەرلىك ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلدى، ئىككى كىشىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلىدى' دەپ بايان قىلدى. مەزكۇر گېزىتتە يەنە 'ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رابىيە خانىمنىڭ زىيارىتى ھەققىدىكى پىكرىنى رەت قىلدى. گەرچە بۇ قېتىم ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشمىسىمۇ، ئەمما بۇ مىنىستىرلىقنىڭ خادىملىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ' دەپ بايان قىلىندى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.