ياپونىيىدە رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە كىتاب نەشىر قىلىندى
2007.10.23
يېقىندا ياپونىيىدە، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى ھەققىدە مەخسۇس بىر كىتاب نەشردىن چىقتى.
" جۇڭگودىن قوغلاپ چىقىرىلغان ئايال" ناملىق مەزكۇر كىتابنىڭ ئاپتورى، يازغۇچى مىزۇتانى نائوكو خانىم بولۇپ، كىتاب 272 بەتلىك ھەجىمدە، كىتابتا ئاساسلىقى، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ئۈچ قېتىملىق كۈچلۈك نامزاتى بولغان رابىيە قادىر خانىم ھەم ئۇنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ۋە باشقا ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسى تونۇشتۇرۇلغان ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى ھەمدە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
ياپونىيىدىكى ئۇيغۇرلار ھەمدە ئۇيغۇرلارغا قىزىققۇچى، تەتقىق قىلغۇچى ھەم ئۇيغۇرلارنى دوست تۇتقۇچى ياپونلار مەزكۇر كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىدىن ئىنتايىن خوشال بولغان.
نۆۋەتتە ياپونىيىدىكى بەزى مەتبۇئاتلار رابىيە قادىر خانىم توغرىسىدىكى مەزكۇر كىتابنىڭ نەشردىن چىققانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن باشقا، يېقىندا يەنى 11 - ئاينىڭ باشلىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيىدە مەخسۇس زىيارەتتە بولىدىغانلىقى ھەمدە بۇ جەرياندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى توغرىسىدا نوتۇق سۆزلەش پائالىيەتلىرىدە بولىدىغانلىقىدىن ئۇچۇرلار بەرگەن.
بۇ كىتاب رابىيە خانىمنىڭ تەرجىمىھالى ھەققىدە، بۇ يىل 6 - ئايدا " گۈلدۈرماما" ناملىق نېمىس تىلىدا گېرمانىيىدە نەشردىن چىققان 430 بەتلىك چوڭ ھەجىملىك كىتابتىن كېيىنكى ئىككىنچى بىر چەتئەل تىلىدا چىقىرىلغان كىتاب ھېسابلىنىدۇ.
ياپون خەلقى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى دوست تۇتۇپ كېلىۋاتقان خەلق بولۇپ، ياپونلۇقلار ئۇيغۇر ئېلى ھەم خەلقىگە تۈرلۈك ساھەلەردە ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىدىن باشقا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىمۇ ياپونلۇقلاردا قىزىقىش قوزغىغان. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم ئاقسارايدا
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىملىرى داۋاملاشماقتا
- تەكلىماكاننىڭ ئۆمۈرى ھەققىدە يېڭى نەتىجە مەيدانغا كەلدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ بىئوگرافىيىسى گېرمانىيىدە نەشىر قىلىندى
- قازاقىستاندا يۈسۈپ مۇخلىسنىڭ " مەشئەل" رومانى نەشىردىن چىقتى
- ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنى تېما قىلغان "ئەجدەرھانىڭ تاپىنى ئاستىدا" ناملىق كىتاپ نەشر قىلىنماقچى
- ئالما-ئاتادا، "ئۇيغۇر ئاۋازى" گېزىتىنىڭ 50 يىللىقى خاتىرىلەندى
- ئەرەب دۇنياسىدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ژورنىلى "تۈركىستان ئاۋازى"