رابىيە قادىر خانىم بۇيىل يەنە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات بولدى
-
2008-02-27 -
-
-
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ يىل يەنە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات.
رويتراس ئاگېنتلىقىنىڭ ئوسلودىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل كۆرسىتىلگەن 197 نەپەر نامزاتنىڭ تىزىملىكىگە، يەنى 1990 - يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن كېيىن دۆلىتىنى قايتىدىن قۇرغان ئالجىرىيە پرېزىدېنتى ئابدۇلئەزىز بوتىفلىكا، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان سابىق گېرمانىيە باش مىنىسىتىرى خېلمۇت كول، ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا شتاتىنىڭ باشلىقى ئىنسانپەرۋەر ئەرباب بىلل رىچارسسون، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم قاتارلىق نامزاتلارنىڭ قاتارىغا يېڭىدىن كۇبا ئۆكتىچىىسى ئوسۋالدو پايا ۋە كوسوۋا مۇستەقىللىق پىلانىنى لايىھىلىگەن مارتتى ئاختىسارىنىڭ قوشۇلغانلىقى يەنە بىر ئالاھىدىلىك.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ستوكھولىمدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل تىنچلىققا تېخىمۇ بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك نامزاتلار ئالاھىدە ئورۇنغا قويىلىدۇ،- دەيدۇ مەشھۇر نوبىل كۆزەتكۈچىسى ستايىن توينېنسون خەلقئارالىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئىنىستېتوتىنىڭ ئوسلودا ئېچىلغان يىغىنىدا.
ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا مىقياسىدا ئىراق، ئافغانىستان، سۇدان قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىدە ئاشكارىلانغان مەسىلىلەرگە ھۈرمەت قىلغاندا، بۇ يىلقى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك كاندىداتلارنى ئالاھىدە ئورۇنغا قويسا ئەمەلىيەتكە تېخىمۇ ئۇيغۇن بولىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- 'سېدنىي ئاۋانگارتى گېزىتى' نىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى خەۋىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيە زىيارىتىگە يۈرۈپ كەتتى
- شائىر مالىك سادىروف بىلەن رابىيە خانىمنىڭ مۇراجىتى توغرىسىدا سۆھبەت
- رابىيە قادىر: "ئۇيغۇر دېھقانلارنى نامراتلاشتۇرۇۋاتقان - خىتاينىڭ يېزىلارغا قاراتقان سىياسىتى"
- رابىيە قادىر خانىم خىتاي دائىرىلىرىدىن تۈرمىدىكى ئوغلىنى تۈرمىنىڭ سىرتىدا داۋالىنىشقا يول قويۇشىنى تەلەپ قىلدى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى " ناملىق ماقالىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ياپونىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىم شىۋېتسارىيىنى زىيارەت قىلدى
- د ۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گېرمانىيىدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- كانادا گېزىتى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ رابىيە خانىمغا بېرىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلاندى