رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلدى
2008.04.01
ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكىدا چىقىدىغان داڭلىق ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، يېقىندا تىبەتتە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى 1997 - يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر بىلەن سېلىشتۇرغان.
ماقالىسىدە، دۇنيا جامائەتچىلىكى، تىنچلىق بىلەن نامايىش ئۆتكۈزگەن تىبەتلىك راھىبلارنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانداق ۋەھشىيلىك بىلەن باستۇرۇلغانلىقىنى قورقۇنچ ۋە ۋەھىمە ئىچىدە كۆزەتتى دەپ كۆرسەتكەن رابىيە قادىر خانىم" تېلېۋىزوردىكى نامايىش ۋە قانلىق توقۇنۇش كۆرۈنۈشلىرىنى كۆرگىنىمدە ھاياتىمنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسىنى ئېسىمگە ئالدىم" دېگەن.
ماقالىسىدە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، 1997 - يىلى فېۋرال ئېيىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ غۇلجا شەھىرىدە، ئەركىنلىك، باراۋەرلىك، ئىنسانى ھەق - ھوقۇق تەلەپ قىلىپ نامايىش ئۆتكۈزگەن مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرىنى قوراللىق باستۇرغانلىقىنى، ئامان قالغانلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ، يۈزلىگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن رابىيە قادىر خانىم " مەن غۇلجىدىكى قانلىق باستۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئىچىنغىنمدەك، تىبەتتىكى تىنچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تىبەتلەرنىڭ ئائىلىسىگە ئېچىنىمەن، چۈنكى مەن قىز - ئوغۇللىرى نامايىشتا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنىڭ يىغىسىنى ئاڭلىدىم" دەيدۇ.
ماقالىسىدە، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنى خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا، ئىنسانى ھەق - ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم ھالدا ياشاۋاتقان ئىككى تەقدىرداش خەلق دەپ كۆرسەتكەن رابىيە خانىم، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئولىمپىك ئارقىلىق خىتاينى دۇنياغا ئىناق بىر جەمئىيەت قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۆزىنىڭ قانلىق ھاكىمىيىتىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ. لېكىن ئىناق جەمئىيەت ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتكە قاراتقان سىياسىتى بىلەن قۇرۇلمايدۇ" دېگەن. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى: "رابىيە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى ئەمەس، تېررورچىلارنىڭ ۋەكىلى"
- 'سېدنىي ئاۋانگارتى گېزىتى' نىڭ رابىيە خانىم ھەققىدىكى خەۋىرى
- رابىيە قادىر خانىم ئاۋسترالىيىدە زىيارەت پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپونىيە پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى
- رابىيە قادىر خانىمنىڭ " ئۇيغۇرلارنىڭ پەريادى " ناملىق ماقالىسى ئامېرىكا مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىندى
- ئۇيغۇر مەسىلىسى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا
- كانادانىڭ ۋاڭكوۋېر شەھىرىدىكى تىبەتلەر نامايىشىغا ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى
- دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن دالاي لاما بىلەن ئۇچراشتى
- رابىيە قادىرنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى غەلىبىلىك ئاياقلاشتى
- ۋاشىنگتوندا رابىيە قادىر خانىمنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى