ياۋرۇپا ئىتتىپاقى تىبەتلىك راھىبغا بىرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى قارشى ئالدى

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، سىچۈەن ئۆلكىلىك ئالى سوتنىڭ تىبەتلىك راھىب تەنزىن دەلەك رىنپۇچىغا بېرىلگەن ئۆلۈم ھۆكۈمىنى بىكار قىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

سىچۈەن ئۆلكىلىك ئالىي سوتى ئۆتكەن چارشەنە كۈنى رىنپۇچى ئۈستىدىن چىقىرىلغان ھۆكۈمىنى كۆزدىن كۆچۈرۈپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلغان ئۆلۈم جازاسىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتكەن ئىدى.

52 ياشتىكى تىبەتلىك راھىب رىنپۇچى، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 2002 - يىلى ئاپرىل ئېيىدا سىچۈەننىڭ مەركىزى چېڭدۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر پارتلاش ۋەقەسىگە چېتىشلىق دەپ ئەيىپلىنىپ، ئىككى يىل كىچكتۈرۈپ ئېتىشقا ھۆكۈم قىلىنغان.

رىنپۇچى ئۈستىدىن چىقىرىلغان مەزكۇر ھۆكۈم خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى. (قانات)