دونالد رامسفېلد ئىراققا تۇيۇقسىز زىيارەت قىلدى

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد چارشەنبە كۈنى باغداتنى تۇيۇقسىز زىيارەت قىلىپ، ئىراق رەھبەرلىرىنى ئەڭ ئاخىرقى مۇددەت 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىن بۇرۇن ئاساسىي قانۇننىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىنى تۈزۈپ بولۇشقا ئۈندىدى.

دونالد رامسفېلد تاجىكىستاندىكى سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ باغداتقا قاراپ ئۇچقان يولىدا مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەمدى، يەنە كەينىگە سۈرۈش ئەھۋالىنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دونالد رامسفېلد باغداتتىكى زىيارىتىدە يەنە، ئىراق باش مىنىستىرى ئىبراھىم جافارى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامېرىكىدىكى 135 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرىنى ئىمكانقەدەر كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئىراقتىن ئېلىپ چىقىپ كېتىشكە تىرىشىش مەسىلىسىدە سۆھبەتلەشتى.

رامسفېلد يەنە، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىپ، ئىران ۋە سۈرىيىنىڭ، چەتئەللىك تېررورچىلارنىڭ ئىراققا كىرگۈزمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

رامسفېلدنىڭ بۇ قېتىملىق ئىراق سەپىرى، ئۇنىڭ ئىراق ئۇرۇشى باشلانغاندىن بۇيانقى 10 - قېتىملىق زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ تېخى بۇنىڭ ئالدىدا قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننى زىيارەت قىلىپ، ئۇلاردىن بۇ يەردىكى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى داۋاملىق تۇرغۇزۇش ماقۇللۇقىنى ئېلىپ كەلدى. (پەرىدە)