جەنۇبىي كورىيە ئاممىۋىي رادىئو ئىستانسىسى، خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 12 يىللىق خاتىرىسىنىڭ ھارپىسىدا، خەلق رايىنى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ ٪ 80 ئى خىتاي بىلەن جەنۇبىي كورىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئەمەس ، بەلكى رىقابەتچىلىك مۇناسىۋەت دەپ قارايدىكەن. رايى سىناشنى قوبۇل قىلغانلار ئىچىدە ٪ 8 تىن كۆپرەكىنىڭ خىتايغا نىسپەتەن ئازراقمۇ ياخشى ھېسسىياتى يوق ئىكەن.
جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى خەلق رايىنى تەكشۈرۈش تېلېفون ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيىدىكى 20 ياشتىن يۇقىرى ئەر- ئاياللار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان. خىتاينى ياخشى كۆرۈش دەرىجىسى بويىچە تەكشۈرگەندە، ٪ 58 كىشى خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (ئارزۇ)