كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
2005.01.13
ئامېرىكىدا يېقىندا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناشنىڭ نەتىجىسىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغان بولسىمۇ، ٪ 60 ئامېرىكىلىق يەنىلا خىتاينى يوشۇرۇن ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەھدىد دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىملىق رايى سىناش، مەركىزى نيو- يوركتىكى تەشكىلات "يۈز كىشىلىك كومىتېت" نىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان. ئۇلار ئون يىل بۇرۇنمۇ ئوخشاش تۈردىكى رايى سىناشنى ئېلىپ بارغان.
"يۈز كىشىلىك كومىتېت" نىڭ پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ بازار ئىگىلىكى يولىغا قاراپ ماڭغانلىقى ۋە بارغانسىرى ئىقتىسادىي كۈچلۈك بىر دۆلەتكە ئايلىنىۋاتقانلىقىغا ئىجابىي قارايدىكەن. بىراق خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسى يەنىلا ئامېرىكىلىقلار ئەڭ ئەندىشە قىلىدىغان مەسىلە بولۇپ،٪ 70 ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش- كىرمەسلىكىگە باغلاش كېرەك دەپ ئويلايدىكەن.
بۇنىڭدىن سىرت،٪ 60 ئامېرىكىلىقلار، ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسىتىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن ۋە خىتاينىڭ دۇنيا ئېكولوگىيىسىگە ئېلىپ كېلىدىغان بۇزغۇنچىلىقلىرىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ٪ 58 جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىكەن
- ئېۋانىس خىتاينى پۇل قىممىتىنى ئەركىن تۇتۇشقا چاقىردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى دون ئىۋانس خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي، خىتاينىڭ "بۆلۈنۈشكە قارشى قانۇنى" نى مۇزاكىرە قىلدى
- ئامېرىكا ياۋروپا ئىتتىپاقىنى قورال - ياراق ئىمبارگوسىدا ئاگاھلاندۇردى