ئامېرىكا پۇقرالىرى بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز- قارىشى پەرقلىق ئىكەن

ئەڭ يېڭى ئېلان قىلىنغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، كۆپ قىسىم ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا بولغان قارىشى ئىلگىرىكىدىن ياخشىلانغان. بىراق، كۆپ قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتايغا تەنقىدىي كۆز قاراشتا ئىكەن.

خەلقئارا زوگباي رايىنى سىناش شىركىتى كۆزگە كۆرۈنگەن ئامېرىكىلىق خىتايلاردىن تەشكىللەنگەن " يۈز كىشىلىك كومىتېت" تەشكىلاتىنىڭ ۋاكالىتى بىلەن، ئامېرىكىنىڭ سودا ساھەسىدىكى رەھبەرلەر، ئاددىي پۇقرالار ۋە دۆلەت مەجلىسى خادىملىرى ئۈستىدىن رايى سىناش ئېلىپ بارغان.

چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خادىملىرىنىڭ ئاران 19٪ ئى خىتايغا ئىجابىي قارايدىكەن. ئۇلارنىڭ 54٪ ئى خىتاينى ئامېرىكىغا ئىقتىسادىي تەھدىد دەپ ھېسابلايدىكەن.

ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ كۆز - قارىشى بولسا بۇنىڭدىن پەرقلىق بولۇپ، 59٪ ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتايغا ئىجابىي كۆز قاراشتا ئىكەن. بىراق ئۇلار خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ۋە ئامېرىكىدىكى ئىش پۇرسىتىنىڭ خىتايغا ئېقىپ كېتىشى مەسلىسىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بولىدىكەن. 70٪ كىشىلەر خىتاي ماللىرىنى ئامېرىكا بازىرىغا كىرگۈزۈشتە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىغا قاراش كېرەك دەپ ئويلايدىكەن. (ئارزۇ)