ئامېرىكا ۋە كانادادىكى پۇقرالارنىڭ يېرىمىدەكى خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن
2005.06.12
شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئاممىۋى ئىشلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىر شىركەتنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خەلق رايىنى سىناش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى يېرىمدەك پۇقرالار خىتاي تەھدىدى قارىشىغا قوشۇلىدىكەن.
دوكلاتقا قارىغاندا، ٪ 54 ئامېرىكىلىق ۋە ٪ 40 كانادالىق " ئەگەر خىتاي دۇنيادا دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلانسا، دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىدۇ" دەپ قارايدىكەن. ئۈچتىن ئىككى قىسىم ئامېرىكىلىقلار ۋە يېرىمدەك كانادالىقلار خىتاينىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى ئىش تېپىش پۇرسىتىگە ئېغىر تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر شىركەت 4 - ئايدا مىڭدەك ئامېرىكىلىق ۋە كانادالىقنىڭ رايىنى سىناش ئېلىپ بارغان. شىركەت مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئامېرىكىلىقلار، كانادالىقلارغا قارىغاندا خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە تېخىمۇ ئەندىشە بىلەن قارايدىكەن.
بىراق دوكلاتتىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپلىگەن ئامېرىكىلىق ۋە كانادالىقلار خىتاينىڭ خەلقئارادا كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينىشىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرىشىگە ئىشەنمەيدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي، ھەربىي قۇرۇلۇشىنىڭ ئاسىيا بىخەتەرلىكىگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى رەت قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى، خىتاينى ئاسىيا بىخەتەرلىكىدىكى جىددى مەسىلە، دەپ كۆرسەتتى
- پېن تاگون: خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى كۈچەيتىشى تەيۋەننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ
- ئامېرىكا دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ تەھدىتىنى مۆلچەرلىدى