كۆپ قىسىم ياپونىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدۇ
2005.10.06
ياپونىيە گېزىتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان بىر تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قىسىم ياپونىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدۇ.
ياپونىيە كۈنلۈك خەۋەر گېزىتى پەيشەنبە كۈنى پۇقرالارنىڭ، ياپونىيىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكى بولغان خىتاي ۋە ئامېرىكا ھەققىدىكى قاراشلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان مەملىكەت خاراكتېرلىك تەكشۈرۈش دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى.
ئۈچ مىڭغا يېقىن كىشى بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 68٪ ئى خىتايغا ياخشى تەسىراتىنىڭ يوقلىقىنى بىلدۈرگەن. پەقەت 30 ٪ كىشى خىتاينى يېقىن كۆرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. بۇنىڭ ئەكسىچە، تەكشۈرۈلگۈچىلەرنىڭ 65٪ ئى ئامېرىكىنى يېقىن ھىس قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن قارىغاندا، ياپونىيە ياشلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئۆچمەنلىكى كۈچلۈك ئىكەن. يېقىندىن بۇيان، ياپونىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتى شەرقىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرى مەسىلىسى، ياپونىيىنىڭ يېڭى تارىخ دەرسلىكىنى تەسىس قىلىشى قاتارلىق تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن جىددىيلەشكەن ئىدى. كۈندىلىك خەۋەر گېزىتىنىڭ مۇلاھىزە قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى بىۋاستە ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ خىتايغا قارشى كەيپىياتىنى كۈچلەندۈرگەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ۋە كانادادىكى پۇقرالارنىڭ يېرىمىدەكى خىتاينىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا تەھدىد ئېلىپ كېلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن
- ئامېرىكا پۇقرالىرى بىلەن دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى كۆز- قارىشى پەرقلىق ئىكەن
- كۆپ قىسىم ئامېرىكىلىقلار خىتاينى يەنىلا تەھدىد ھېسابلايدىكەن
- ٪ 58 جەنۇبىي كورىيىلىكلەر خىتاينى ياخشى كۆرمەيدىكەن