يېقىندا ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۆپ قىسىم ياپونىيە ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرى خىتايغا ئىشەنمەيدىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كۈپچىلىگى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەھدىت دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا گەلوپ شىركىتى (Gallop) ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، سىناققا قاتناشقان ياپونىيە پۇقرالىرىنىڭ 73% ئى خىتايغا ئىشەنمىسە، 76% ئى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ يۈكسىلىشىنى ياپونىيىگە تەھدىت دەپ قارايدىكەن.
ئامېرىكىدا بولسا، 23% ئامېرىكا پۇقراسى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ياخشى بولمايدۇ دېسە، 53% ى خىتايغا ئىشەنمەيدىكەن. ئەمما خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىنى تەھدىت دەپ قارايدىغانلار بولسا 74% بولغان.
مەزكۇر خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشى بۇ يىل 11- ئايدا تېلېفون ئارقىلىق 18 ياشتىن يۇقىرى بولغان 1006 نەپەر ياپونىيىلىك ۋە 1001 نەپەر ئامېرىكىلىق ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان. (پەرىدە)