جەنۇبىي كورىيىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان بىر قېتىملىق خەلق رايىنى سىناش تەكشۈرۈشىگە قارىغاندا، كۆپ قىسىم جەنۇبىي كورىيىلىكلەر 10 يىلدىن كېيىن، جەنۇبىي كورىيە بىخەتەرلىكى دۇچ كېلىدىغان ئەڭ چوڭ تەھدىتنى خىتايتىن كېلىدۇ دەپ قارايدىكەن.
جەنۇبىي كورىيە مۇداپىئە ئانالىز مەركىزى ئېلىپ بارغان بۇ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، 38% كىشى خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارىغان. بۇنىڭدىن باشقا ياپونىيىنى تەھدىت دەپ قارايدىغانلار بولسا 21% نى تەشكىل قىلغان. ئەمما بۇ تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 82% كىشى، جەنۇبىي كورىيىدە 30 مىڭ ئەسكىرى بولغان ئامېرىكىنى جەنۇبىي كورىيىنىڭ ئەڭ چوڭ ئىتتىپاقدىشى دەپ قارايدىكەن.
مەزكۇر مەركەز ئەمەلدارى رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، " كىشىلەرنىڭ شىمالىي كورىيىنى كەلگۈسىدىكى تەھدىت دەپ قارىماسلىقىدىكى سەۋەب، جەنۇبىي كورىيە ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقى ئۈچۈن بىر يۈرۈش نەتىجىلىك تەدبىرلەرنى قوللاندى. لېكىن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي تەرەققىياتى بولسا، كۈنسايىن ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ" دېدى.
بۇ تەكشۈرۈش 2005- يىلى 12- ئايدا، يېشى 20 ياشتىن يۇقىرى بولغان 1000 غا يېقىن كىشى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلغان. (پەرىدە)
