ئامېرىكا ‏- ياپونىيە ئورتاق پىلان تۈزۈپ تەيۋەننى قوغداش ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەن قىرغىقىدا تۇيۇقسىز ۋەقە يۈز بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئورتاق بىر پىلان تۈزۈپ، بۇ يىل 2 ‏- ئايدا بۇ ھەقتە مەخسۇس مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشنى قارار قىلىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، بۇ ھەرىكەت خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادىكى رولىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان دەپ قىياس قىلىشماقتا. بۇ ئارىدا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ليۇ جەنچاۋ مۇخبىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا، جۇڭگۇ بۇ مەسىلىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ، تەيۋەن جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تەيۋەن ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەر قانداق بىر ھەرىكەت ، بىر جۇڭگۇ پرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەك" دېدى.

تەيۋەن پرىزىدېنتى چېن شۇيبيەن 8 ‏- يانىۋار كۈنى ئوتتۇرا ئامېرىكا دۆلىتى نىئاگارادا زىيارەتتە بولماقچى، ئۇ نىئاگارا زىيارىتىدە قايسى ۋاقىتتا ئامېرىكا چېگرىسىدىن ئۆتۈش ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بەرمىدى. ليۇ جەنچاۋ، ئاخىرىدا ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن ھەرقانداق بىر شەكىلدە دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئېلىپ بېرىشىغا بولمايدىغانلىقىنى، چېن شۈيبيەننىڭ ئامېرىكىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)