پەنتاگون: خىتاي، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ ھەربىي رەقىبى
-
2006-02-05 -
-
-
پەنتاگون يەنى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى چىقارغان بىر پارچە دوكلاتىدا، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ساھەدىكى ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ كۆرسەتتى.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 4 يىلدىن بۇيانقى كۆزىتىشىگە ئاساسەن چىقارغان بۇ دوكلاتىدا، خىتاي ئىلگىرى مۇقىم ھالەتنى ساقلىغان بولسىمۇ، لېكىن 1996- يىلىدىن باشلاپ، مەخپىي ھالدا ھەربىي كۈچى قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پەنتاگون دوكلاتىدا، " خىتاي- ئامېرىكىنىڭ ئەنئەنىۋىي ھەربىي ئۈستۈنلىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يوقىتىش خاراكتېرلىك ھەربىي تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېھتىماللىقى ئەڭ چوڭ بولغان دۆلەتتۇر" دەپ يازغان. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سىياسەت چىقىرىش ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن سېكرىتارى رايىن خېننرى، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ، خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىنى خەلقئارادىن يوشۇرماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھەمدە ھەربىي پىلانى ھەققىدىكى مەقسىتىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
دوكلاتتا گەرچە خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى تەكىتلەنسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ تىنچ ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى ۋە سىياسىي ئەركىنلىك پرىنسىپىنى تاللىشىنى بەكرەك قوللايدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ھەربىي دائىرىلىرى: ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش پارتلاش مۈمكىنچىلىكى ئازايماقتا
- راند شىركىتى: خىتاينىڭ ھەربىي ئىلغارلىقى ئويلىغاندىنمۇ يۇقىرى
- ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىتاي تەھدىتى ھەققىدە توختالدى
- مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكى ئامېرىكىنى خىتاينىڭ ھەربىي كۈچىگە سەل قارىماسلىققا ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىستراتېگىيىسى بەلگىلىشى كېرەك