ياپونىيە، ئۇرۇشتا ھايات قالغان خىتايلارنىڭ ئەرزىنى رەت قىلدى


2005.04.20

ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى جىددىيلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ياپونىيىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 10 نەپەر خىتاينىڭ، ياپونىيىنىڭ خىتايدىكى ھۇجۇمىدا قىلغان زوراۋانلىقى ئۈچۈن 100 مىليون ياپون پۇلى يەنى 930 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سۇنغان ئەرزىنى رەت قىلدى.

مەزكۇر سوت مەھكىمىسى ھۆكۈم چىقارغاندا، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى جىنايەت تۆلەم مەسىلىسىنىڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىشلار بولۇپ، ھەر قانداق بىر كىشى خالىغانچە سوتقا سۇنىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇلار يەنە، خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا ئاساسلانغاندىمۇ، ھېچقانداق چەتئەللىكنىڭ شەخسىي سالاھىيەت بىلەن ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى سوتقا تارتىشىغا بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ 10 نەپەر خىتاينىڭ ئارىسىدا ئۆزىنى 1937 - يىلىدىكى نەنجىڭ ۋەقەسىدە ھايات قالغان دەيدىغانلارمۇ بار بولۇپ، ئۇلار يەنە ياپونىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنماقچى ئىكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.