ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىنى گۇئانتانامو ھەربىي بازىسىدا تۇتۇپ تۇرىلىۋاتقان مەھبۇسلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى، دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلغان يىللىق دوكلاتىدا، ئامېرىكىنىڭ گۈئەنتانامودىكى مەھبۇسلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى توغرا بولمىغانلىقتىن، مەھبۇسلارنى قىيناش قىلمىشلىرىغا ۋاستىلىق يول قويۇلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. ئۇلار يەنە، ئامېرىكىنىڭ مەھبۇسلارنى سوتلىماي تۇتۇپ تۇرۇشىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكىنىڭ كۇبادىكى گۈئەنتانامو ھەربىي بازىسىدا ئافغانسىتاننىڭ سابىق تالىبان ھاكىمىيىتى ۋە ئەل- قايدە تەشكىلاتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ ئەيىبلەنگەن 540 نەپەر مەھبۇس تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلىپ، " دۈشمەن كۈچلەرنىڭ جەڭچىلىرىنى تۇتۇپ تۇرۇش جىنايەت ئەمەس. بەلكى ئۇلارنىڭ تېررورچىلىققا قارشى كۆرەشتە داۋاملىق ئامېرىكىغا ھوجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش" دەپ بىلدۈرگەن.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتىدا، ئامېرىكىدىن سىرت يەنە، خىتاي، سۇدان، رۇسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. (ئارزۇ)