كوندولىزا رايس ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ ماقۇللىشىدىن ئۆتتى


2005.01.19

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئىككى كۈنلۈك ئىسپات بېرىش يىغىنىدىن كېيىن چارشەنبە كۈنى بېلەت تاشلاپ كوندولىزا رايسنىڭ ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇش نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلدى.

كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى كۈنلۈك ئىسپات بېرىش يىغى &# xFEE8;ى جەريانىدا، دىموكراتچى پالاتا ئەزالىرى كوندولىزا رايسنى ئىراق مەسىلىسىدە كۈچلۈك سوراققا تارتتى.

ئەمما كوندولىزا رايس ئىراققا ھۇجۇم قىلىش قارارىنى ئاقلاپ، ئامېرىكىنىڭ سادام ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىشىنىڭ تامامەن توغرا ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇردى. ئۇ يەنە، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن دىئالوگىنى كۈچەيتىپ، ئىراق مەسىلىدىكى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىختىلاپلارنى يوقۇتۇشقا تىرىشىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغان كوندولىزا رايس، ئۆزى مىنىستىرلىققا سايلانغاندىن كېيىن، ئامېرىكا-خىتاي ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، دېپلوماتىك يوللار بىلەن ئامېرىكىنىڭ تاشقى سودىسىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى تەڭشەشكە تىرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەگەر 50 ياشلىق كوندولىزا رايس پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىنىڭ پۈتۈنلەي ماقۇللىشىغا ئېرىشسە، ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى قارا تەنلىك تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (پەرىدە )

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.