ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى


2005.02.06

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، يەكشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىگە يىتىپ كەلدى.

ئۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە يېرۇسالېمدا ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىيال شارون بىلەن كۆرۈشكەندىن كىيىن، دۈشەنبە كۈنى راماللاغا بېرىپ، پەلەستىن رەھبىرى مەخمۇد ئابباس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدۇ.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ زىيارىتى دەل سەيشەنبە كۈنى مىسىردا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنىنىڭ ھارپىسىغا توغرا كەلگەن. ئامېرىكا گەرچە بۇ يىغىنغا قاتناشمىسىمۇ، بىراق بۇش ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىننىڭ ئوتتۇرا شەرقى تىنچلىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدىكى بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى قوللايدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

كوندىلىزا رايىس ئوتتۇرا شەرققە يىتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى تۈركىيە ۋە ئەنگىلىيىنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ زىيارەتلىرى ئامېرىكىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش دەپ قارالماقتا.

رويتىرس ئاگېنتلىقىنىڭ يەكشەنبە كۈنى بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايىس لوندوندىكى زىيارىتىدە، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال سېتىپ بەرمەسلىك چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىقا قوشۇلمايدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلىگەن. ياۋرۇپا بىرلىكى 1989 - يىلى تيەنئەنمىن ۋەقەسىدىن كىيىن، خىتايغا قورال چەكلىمىسىنى يۈرگۈزگەن بولۇپ، بىراق يېقىندا بۇنى بىكار قىلىشتىن بىشارەت بەرمەكتە ئىدى. ئەمما كوندىلىزا رايىس، قورال چەكلىمىسى بىكار قىلىنغاندا، شەرقىي ئاسىيانىڭ ھەربىي تەڭپۇڭلىقى بۇزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنى خىتايغا خاتا سىگنال بەرمەسلىككە چاقىرغان. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.