كوندولىزا رايس ياۋروپانى ئىران مەسىلىسىدە قاتتىقراق بولۇشقا چاقىردى


2005.02.09

ياۋروپادا زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى، ياۋروپانى ئىران مەسىلىسىدە قاتتىقراق بولۇشقا چاقىردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رايس بۇ سۆزلىرىنى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن قىلغان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە يەنە، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم يادرو تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا ئامېرىكىنىڭ بۇنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە سۇنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

رايس يەنە ئىراننىڭ، ياۋروپادىكى 3 دۆلەتنىڭ ئىپادىسىدىن پايدىلىنىپ، يادرو تەكشۈرۈشىنى كېچىكتۈرۈشىگە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ياۋروپانىڭ ئىرانغا قاتتىقراق مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ياۋروپا دۆلەتلىرى ئاساسلىقى فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيەنى كۆرسىتىدۇ.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىزچىل ئىراننى، يادرو قوراللارنى يوشۇرۇن تەرەققىي قىلدۇرىۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلەپ كەلگەن بولۇپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا ئىران مەسىلىسىدىن سىرت يەنە، خىتايغا بېرىلگەن قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش مەسىلىسىدىمۇ ئىختىلاپلار كۆرۈلمەكتە. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.