كوندولىزا رايىس ھىندىستاننى زىيارەت قىلدى
2005.03.16
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى يېڭى دېھلىدا ھىندىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن رايونلۇق مۇداپىئە ۋە كەشمىر مەسىلىلىرىدە سۆھبەتلەشتى. ھىندىستان، رايسنىڭ ئاسىيا سەپىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كوندولىزا رايس ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مانموخان سېنگ بىلەن كۆرۈشكەندە، ھىندىستان-پاكىستان ئىككى دۆلەتنىڭ تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش يولىدا كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقلىرىنى تەرىپلىدى. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي ئاسىيادىكى تىنچلىق دىپلوماتىيىسىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەمما كوندولىزا رايس مانموخان سېنگ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، ھىندىستاننىڭ ئىران بىلەن بولغان گاز تۇرۇبا پروگراممىسىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئىراننىڭ يادرو قوراللارنى يوشۇرۇن تەرەققىي قىلدۇرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئىران بىلەن بولغان سودا ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەن ئىدى. شۇنداقلا ئامېرىكا يەنە باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئىران بىلەن سودىلاشماسلىقىنى تەكىتلەپ كەلدى.
مانموخان سېنگ مەزكۇر گاز تۇرۇبا پروگراممىسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن تەڭ، ئىران ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارالىق يادرو قوراللارنى چەكلەش شەرتنامىسىغا رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كوندولىزا رايسنىڭ ئاسىيا سەپىرى 8 كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، ئۇ ھىندىستاندىن سىرت يەنە، پاكىستان، ئافغانىستان، ياپونىيە، جەنۇبىي كورىيە ۋە خىتاينى زىيارەت قىلماقچى. (پەرىدە)