كوندىلىزا رايىس خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىردى

hujinta-rice.jpg

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىغا قاراپ يولغا چىقتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كوندىلىزا رايىس خىتايدىكى زىيارىتىدە خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، خىتاي رەھبەرلىرىنى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ، بولۇپمۇ پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.

كوندىلىزا رايىس "مەن خىتاينىڭ شۇنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەنكى، دىن جەمئىيەتكە تەھدىد ئېلىپ كەلمەيدۇ. ئەكسىنچە، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلاش ۋە مېھىر- مۇھەببەت تارقىتىش جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدۇ" دېدى.

خەۋەرگە قارىغاندا، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن سىرت، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس يەنە، تەيۋەن مەسىلىسىدە توختىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بىر خىتاي پرىنسىپىنى قايتا تەكىتلىدى. بىراق ئۇ يەنە، خىتاينىڭ يېڭىدىن قارار قىلغان "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى قانۇن" نىڭ تەيۋەن بوغىزىدىكى ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ بېيجىڭنى تەيۋەن بىلەن بولغان جىددى مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشقا چاقىردى.

بۇنىڭدىن سىرت، كوندىلىزا رايىس يەنە شىمالىي كورىيە مەسىلىسىدە، ئامېرىكىنىڭ مەيدانىنى ئىزاھلاپ، ئەگەر شىمالىي كورىيە ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق رەت قىلسا، ئامېرىكىنىڭ باشقا يوللار ئارقىلىق شىمالىي كورىيە يادرو مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. بىراق ئۇ يەنە، باشقا يوللارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتنى كۆزدە تۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئارىدا، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋنى بۇ يىلنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلغان. خۇجىنتاۋ 2002 - يىلى مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسلىك سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكىنى زىيارەت قىلغان ئىدى. (ئارزۇ)