كوندىلىزا رايىس، بېيجىڭنى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى


2005.03.22

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەتنىڭ دىنىي ۋە مەنىۋى داھىيسى دالاي لاما بىلەن سۆھبەتلىشىشكە چاقىردى.

كوندىلىزا رايىس يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى داۋامىدا، بېيجىڭنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى قوبۇل قىلىشىنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي جەمئىيەتلەر ھەمدە دالاي لاما ۋەكىللىرى بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىشىنى شۇنىڭدەك تىبەت خەلقىگە ئەركىنلىك ئاساسىدا ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغداش ئىمتىيازى بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنى باستۇرۇپلا قالماستىن، باشقا دىنىي مەزھەپلەرنىڭ ئەركىنلىكىنىمۇ كونتورول قىلىپ كەلمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىزچىل تۈردە خىتاينى دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش قىلمىشلىرى بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

ئامېرىكا تەرەپمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى كىشىلەرگە نىسبەتەن تەھدىت ئورنىدا قوللانماي، دىننى "جەمئىيەت ، مۇقىملىقنى ساقلاش ۋە مېھرى- مۇھەببەت يارىتىش جەھەتلەردە ئىجابىي رول ئوينايدىغان كۈچ " دەپ ھېساپلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.