كوندولىزا رايس رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى


2005.04.20

رۇسىيىدە زىيارەتتە بولىۋاتقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس چارشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈپ، رۇسىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى، خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات تېمىلىرىدا سۆھبەتلەشتى.

پۇتىن سۆزىنىڭ بېشىدا، كوندولىزا رايسنىڭ بىۋاستە ئارىلىشىشى بىلەن رۇسىيە-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ كەلگۇسىدىمۇ مۇشۇنداق داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. كوندولىزا رايسمۇ رۇسىيىنىڭ، ئامېرىكىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشتىكى "ئىستراتېگىيىلىك شىرىكى" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

كوندولىزا رايس رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشۈشتىن بۇرۇن، موسكۋادىكى داڭلىق "ئېكو موسكۋا" رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، رۇسىيىنى دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا ئوچۇق چاقىرىش بىلەن بىرگە، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ بەك چوڭ ھوقۇقلارغا ئىگە بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

كوندولىزا رايس زىيارىتىدە يەنە، رۇسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنى ئۆزىگە- ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان مۇستەقىل ئورگان بولۇشقا چاقىرغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە، رۇسىيىنىڭ، ئامېرىكا بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىن قەتئىي قورقماسلىقىنى تەكرار تەكىتلىگەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.