رايىس، بلۇرۇسىيىدىكى ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى

ئالدىنقى كۈنى لىتۋادا ش ئا ئو ئە ت نىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتناشقان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، بلۇرۇسىيىنى ياۋروپانىڭ مەركىزىدىكى ئاخىرقى دىكتاتۇردۆلەت دەپ كۆرسەتتى. بلۇرۇسىيىلىكلەرنى دېموكراتىك ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا چاقىرغان رايىس، " بلۇرۇسىيىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىش ۋاقتى كەلدى،" دەپ تەكىتلىگەن.

رايىس لىتۋادا بلۇرۇسىيىلىك ئۆكتىچىلەرنىڭ ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى. رايىسنىڭ بلۇرۇسىيىدە ئۈزگىرىش ئېلىپ بېرىش چاقىرىقى، رۇسىيە بىلەن بلۇرۇسىيىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى. رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، بلۇرۇسىيىدە ئۆزگىرىش ئېلىپ بېرىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىسلاھات تاشقىرىدىن تېڭىلماسلىقى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

بلۇرىسىيىنىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋىكتور گايسۇناك، بلۇرۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆز ھۆكۈمىتىنى ۋە كەلگۇسىنى ئۆزى تاللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ بۇنى " رايىسنىڭ ئۈستىدىكى ۋەزىپە ئەمەس،" دەپ تەنقىدلىگەن. بلۇرۇسىيە ياۋروپادىكى ئەڭ ئاخىرقى شۇنداقلا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئەڭ دىكتاتۇر دۆلەتلەرنىڭ بىرى. 2004 ۋە 2005 - يىلنىڭ باشلىرىدىكى گرۇزىيە، ئۇكرائىنىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشلەردىن كېيىن، ھاكىمىيەت ئالمىشىش نۆۋىتىنىڭ قايسى دۆلەتكە كەلگەنلىكى كىشىلەر ئەڭ قىزىقىدىغان تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.

رايىس لىتۋاغا بېرىشنىڭ ئالدىدا رۇسىيىنى زىيارەت قىلىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن دېموكراتىيە مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. ئۇ، موسكۋادا كرىمىلىننىڭ ھوقۇقنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرۈش پىلانى شۇنداقلا رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنى تېزگىنلەش تىرىشچانلىقىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. (ئەركىن)